كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-01

    ئۇيغۇر يۈرىكىدىكى داغ _ ئاتۇ پاجئەسى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ئۇيغۇر يۈرىكىدىكى داغ _ ئاتۇ پاجئەسى


     1918-يىلى يېڭىدىن تىكلىنىۋاتقان سوۋىت ھاكىمىيىتنىڭ ئالماتادىكى  قىزىل گۇۋاردىيە قىسىملىرىنىڭ يەتتسۇ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇق قىرغىن قىلشىدەك ۋەقە يۈزبەردى.مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى يوقىتىش تۈسنى ئالغان بۇ ۋەقە ، يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈرگىدە مەڭگۈ ساقايمايدىغان جاراھەت قالدۇرۇپ ئاتۇ پاجئەسى دەپ ئاتالدى.
       پۈتۈنلەي<< ئىنسانىيەتنىڭ ئازاتلىقىنى ، دۇنيادىكى ئىزىلگۈچىلەرنىڭ ئازاتلىقىنى>> ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈ نىشانى دەپ ئېلان قىلىپ ، كومۇنىزىم ئۈچۈن تىرىشىش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ئوبرازىغا دىققەت قىلۋاتقان ياش سوۋىت دۆلىتى قۇرۇلىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق پاجىئە يۈزبىرىدۇ؟
       چار پادىشاھ بۇغۇپ ئۆلتۈرۈلگندىن كىيىن پىتراپ كەتكەن ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ ئوفتىسىرلىرى جاي-جايلارغا سىڭىپ كىرىپ، جۈملىدىن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى ئارسىدا تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ ، كۇمۇنىسىتلار دىننى چەكلەيدۇ، مال مۈلۈكنى تارتىۋالىدى دىگەندەك ۋەھيىمىلەر بىلەن قايمۇقۇپ تۇرغان ئۇيغۇرلار نى ئۆزلىرى بىلەن بىللە كومونىسىتلارغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.
    1918-يىلى 2-ئايدا قارا سۇدىكى  بىر قىسىم ئالدانغان ئۇيغۇر ياشلىرى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئارا ،گۈرجەك قاتارلىق ئىپتىدايى قۇراللار بىلەن قۇراللىنىپ، ئالماتا سېپىلىنى ئىگلەپ تۇرغان قىزىل گۇۋاردىيىنىڭ مۇنتىزىم قۇراللار بىلەن قۇراللانغان قىسىملىرىغا ھوجۇم قىلدى .قىزىل گۇۋاردىيە 3-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە قايتارما ھوجۇم قىلىپ ھوجۇمچىلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى.
       1918-يىلى 5ئايدا قىزىل گۇۋاردىيە كوماندىرلىرىدىن مۇرايىۋ بىلەن ئىۋان مامۇنتوۋ ئۇيغۇرغا قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتىردىكى قىرغىنچىلىقنى باشلىدى. مۇرايىۋ قىسىملىرى ئالماتادىن غالجاتقىچە بولغان چېلەك ، كىيىكۋاي،ئىنچىكە بۇلاق ،قۇرام،لاۋار ، مالىۋاي،غەيرەت ، دولات ، ئاۋات تۈگمەن قاتارلىق  ئۇيغۇر يېزا قىشلاقلىرىغا بېسىپ كىرىپ ئالماتا سېپىل ۋەقەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلدى.
       قىرغىنچىلىق دەسلەپ چوڭ ئاقسۇدىن باشلاندى. مۇرايىۋ قۇشۇنلىرى بۇيەردە 200يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى كوچىغا ھەيدەپ چىقىپ،سادىر ئىمام دىگەن كىشىنىڭ ئىشىگى ئالدىدا تىزلاندۇرۈپ قۇيۇپ پىلمۇت بىلەن ئوققا تۇتتى. ئارقىدىن ئۆلمىگەنلەرنى نەيزىلەپ ئۆلتۈردى.ھەيدەپ كىلىنگەن بىچارە پۇقرالار تاكى ئوققا تۇتىلغانغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن. چېلەك ناھيىسىنىڭ ئىنچىكە بولاق ، لاۋار يېزىلىرىدا مۇرايېۋ قىرغىنچىلىقنى شۇنداق ۋايغا يەتكۈزدىكى لاۋار ئۆستەڭلىرىدە سۇ ئورنىدا قان ئاقتى...

       قورام يېزىسىدا 3000ئۇيغۇر پۇقراسى مۇرا يىۋ نىڭ  قولىدا ئېچىنىشلىق تۈستە جان بەردى. قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرقى نۇقتسى تۈگمەن يېزىسى بولدى.... مۇرايىۋ ۋە ئىۋان مامۇنتۇۋ لارنىڭ مەقسىدى يەتتە ئۇيغۇرلىرىنى<<مەڭگۈ تىكلىپ قارىمايدىغان قىلۋىتىش>> بولدى.

     ئۇنىڭدىن باشقا قىرغىندىن پىتراپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردىن تاغ دالىلاردا ئاچلىق ،كىسەللىك، سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرمۇ سانسىز ئىدى، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشچە ئاتۇ پاجئەسىدە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 20000مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ.
       1918-يىلى يەتتە سۇ رايۇنىدا سوۋىت ھاكىمىتىنى قۇرۇلغاندىن كىيىن ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ قاتارلىق كومۇنىسىتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئاتۇ پاجئەسى ئەيىپىلىنىپ  يەتتە سۇ رارۇنىدىكى جاي جايلارغا پىتىراپ كەتكەن ئۇيغۇرلار قايتۇرۇپ كىلىندى.مۇرايىۋ ئەيىپلەندى...
    لىكىن ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئاتۇ پاجئەسىدە ۋەيران بوغان يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى ئېسىگە كىلەلمىدى.ئىگلەك ۋەيران بولۇپ نامراتلىق ھۆكۈم سۇردى. نۇپۇس سانى تۈۋەنلىدى. بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىغا بولغان سېغىنىش ياشلىرى ئۇزۇن يللارغىچە توختىمىدى .  ئىشەنمەسلىك ھۆكۈم سۈردى.

    (مەنبە : قاراق مۇنبىرى )


    分享到: