كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-02

    ئاتىللا قانداق كىشى؟ - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    "ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻗﺎﻣﭽﯩﺴﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﯨﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﺱ" ، "ﺋﺎﺗﯩﻼﺱ" ، "ﺋﺎﺗﯩﻠﻼﺱ" ، "ﺋﺎﺗﺘﯧﻼﺱ" ، ﻻﺗﯩﻨﭽﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ" ، "ﺋﺎﺗﺘﻴﻼ" ، "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ" ، ﺳﯩﻼﯞﻳﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ "ﺋﺎﺗﯧﻼ" ، "ﺋﺎﺗﯩﻼ" ، ﻳﯧﺮﺍﻕ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ "ﺋﻪﺭﺯﯨﻠﻮ" ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﯦﺮﻣﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ "ﺋﻪﺗﺰﻩﻝ" ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ "ﺋﻪﺗﺘﻪﻝ" ، "ﻫﻪﺗﺘﻪﻝ" ، "ﺋﻪﺗﺨﻪﻟﻪ" ، ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ "ﺋﺎﺋﻪﺗﻼ" ، ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ "ﺋﺎﺗﻠﻰ" ، ﻫﯘﻧﮕﯩﺮﯨﻴﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ "ﺋﻪﺗﺨﻪﻟﻪ" ، "ﺋﻪﺗﻪﻟﻪ" ، "ﺋﺎﺗﺨﯩﻼ" ، "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ" ﯞﻩ "ﺋﺎﺗﯩﻼ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﻮﻧﮕﺮ ﺗﯘﺭﻛﻮﻟﻮﮔﻰ ﮒ. ﻧﯧﻤﯧﺰﻧﯩﯔ "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﯞﻩ ﻫﯘﻧﻼﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﮔﻮﺗﭽﻪ "ﺩﺍﺩﺍ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺋﺎﺗﺘﺎ" ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﻮﺗﭽﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﻪﺗﻤﻪ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "ﺋﯩﻼ" ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ "ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﺍﺩﺍ" ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻞ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﺘﻪ . ﯞﻭﻟﮕﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﻧﺎﻣﻰ "ﺋﯩﺘﯩﻞ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﺷﯩﯟﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ "ﺋﺎﺗﺎﻝ" ، "ﺋﻪﺗﯩﻞ" ، "ﺋﺎﺩﻩﻝ" ، "ﺋﻪﺩﯨﻞ" ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﯨﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ "ﺋﺎﺗﯩﻼ" ﯞﻩ "ﺋﺎﺗﯩﻞ" ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . "ﺋﯩﺘﯩﻞ" ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ "ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﻳﺎ" ، "ﺋﯧﻘﯩﻦ" ، "ﺳﯘ" ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﯞﻭﻟﮕﺎ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻓﯩﻦ - ﺋﯘﻏﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ "ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ" ﺩﺍ ﺋﯩﺘﯩﻞ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﻰ "ﺋﻪﺩﯨﻞ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ، ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ : ﺋﯩﺘﯩﻞ (ﺋﻪﺩﯨﻞ) ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺭ ، ﻗﯩﻴﺎ ﺗﯜﯞﯨﮕﻪ ﺳﻮﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭ . ﺑﯩﻠﯩﻖ - ﭘﺎﻗﺎ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭ ، ﻛﯚﻟﭽﻪﻙ ﺋﯩﭽﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺭ . "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﯩﺮﯨﯩﺴﻜﻮﺱ "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﺱ" ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﮔﺮﯦﻚ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ "ﺋﺎﺱ" ﺳﯚﺯﻯ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻏﺎ "ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﻳﺎ" ، "ﺋﯧﻘﯩﻦ" ، "ﺳﯘ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﯩﻞ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ ؟ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻫﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﻪﻣﺒﻪﺭ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﻳﯩﻠﺪﯨﺰ ﯞﻩ ﺭﯗﮔﺎ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﻏﺎﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻫﯘﻧﻠﯩﺮﻯ "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﻫﯘﻧﻠﯩﺮﻯ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺴﺎ ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻫﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ "ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﻟﺘﯩﻖ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ، ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﺩﯗﻧﺎﻱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻐﯩﭽﻪ ، ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪﯨﻦ ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺑﺎﻟﻘﺎﺵ ﻛﯚﻟﻰ ﻫﻪﺗﺘﺎ ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﮕﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻫﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺘﻰ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﻫﯘﻥ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻰ "ﺋﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ" ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺭﯨﻢ ﺋﻪﺳﻠﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ . ﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﯕﻠﻪﻙ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ . ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻑ . ﮔﯩﺮﯨﻨﺎﺩ : " ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻰ ﯞﻩ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 12 - ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ : " ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﻠﻪﻙ ، ﺋﺎﺕ ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ، ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﺭﻟﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ، ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ" ، ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻳﻨﻰ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻫﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻫﺎﻟﺴﯩﺮﺗﯩﯟﻩﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺝ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻘﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻛﻪﻳﻨﻰ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻫﯘﺟﯘﻣﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻫﺎﻟﺴﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﯞﻩ ﻗﯘﻟﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 476 - ﻳﯩﻠﻰ ﻫﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ، ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻮﺭﻣﺎﺗﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﯞﻩ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ، ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ 53 ﻳﯩﻞ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ . ﺟﻮﺭﺩﺍﻧﯩﺴﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﻮﻳﻠﯘﻕ ، ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ ، ﮔﯜﺭﻩﻧﻠﯩﻚ ، ﻛﯜﭺ - ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﯕﮕﯜ ﺭﻭﻫﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﺗﺘﻰ . ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭ ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ - ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻣﺎﻧﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ، ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻼﺭ ، ﻫﻪﻳﻜﻪﻟﺘﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺘﻼﺭ ﯞﻩ ﺳﯩﻨﺎﺭﯨﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯧﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﯨﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﭘﯩﺮﯨﺴﻜﻮﺳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻫﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ .ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻠﻪﻛﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﯜﻥ - ﺗﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺟﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ ، ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﺋﯘ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﻫﯘﻧﻼﺭﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﺎﺩﯨﻘﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺟﻮﺭﺩﺍﻧﯩﺲ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺗﺘﻰ ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ، ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﻫﯚﺭﻟﯜﻛﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ - ﻣﺎﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻫﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻫﻪﻗﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ . ﺟﻮﺭﺩﺍﻧﯩﺴﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ، ﭘﯩﻼﻥ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﺎ ﻣﺎﻫﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻟﻪﻩﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ، ﺗﻪﺧﺘﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ - ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻰ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺋﯘ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﯧﻬﺘﯩﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍﻏﯩﭽﻪ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺗﯩﻨﭻ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﺴﺘﯧﻼﭼﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﺋﻜﺰ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﯩﻤﯘ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﭘﯩﺮﯨﺴﻜﻮﺳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ، ﺋﯚﺯ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﺎﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ، ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻱ ﻫﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ - ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺋﯩﺪﻯ . ﻫﻪﺷﻪﻣﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﻩﻙ ﻫﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﯞﻩ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺗﺎﯞﺍﻗﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﺗﺘﻰ ، ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺗﺎﯞﺍﻗﺘﺎ ﮔﯚﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺘﺘﻰ . ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ - ﺳﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﻪﻳﺶ - ﺋﺸﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﺴﻰ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻫﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﺎﻝ ﺋﺎﭼﻘﯘﺯﯗﭖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﻮﻱ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ ﭘﺎﻝ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﭘﺎﻝ ﺋﺎﭼﻘﯘﺯﯗﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪ ، ﭘﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼﻏﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﺋﯩﺮﻧﻪﻛﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻫﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻠﻪﻛﻨﻰ ﺗﻪﺧﺖ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺮﻧﻪﻛﻨﻰ ﺗﻪﺧﺖ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﻜﺰﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻪﻙ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺗﻪﺧﺖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﺎﺟﺮﺍﺳﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﻪﺭﮔﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﯚﭼﯜﺗﻜﻪﻥ ﻫﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﻜﺘﯜﭖ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻼ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻏﯘﻻﭖ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ .

    ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﻳﯜﺳﯜﭘﺠﺎﻥ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ << ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻗﺎﻣﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺗﺘﯩﻼ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .

    分享到: